ئەردوغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقى ۋە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1422342
ئەردوغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەزىز خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دىن كېيىنكى باسقۇچتا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قايتىدىن شەكىللىنىدىغان دۇنيادا،  تۈركىيەنىڭ كۈچىنى، پاراۋانلىقىنى ۋە باياشاتلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز. دەرۋەقە، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە پۇقرالىرىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق مەنبەلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردۇق.»

ئىگىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، پەلەستىن، ئىيوردانىيە، ئىراق، يەمەن، مىسىر، لىۋىيە، سۈرىيە، لىۋان، ئالجىرىيە ۋە تۇنىس قاتارلىق 15 دۆلەت روزا ھېيتنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە يەكشەنبە كۈنى تەبرىكلەيدىكەن.

24 – ماي يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان روزا ھېيت ئۇدا 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر