«مۇھەممەد» گېرمانىيەدە ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىم بولدى
«مۇھەممەد» گېرمانىيەنىڭ برېمېن ۋە بېرلىن ئۆلكىلىرىدە ئالدىنقى يىلى ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مىقياسىدا ئوغۇل بالىلارغا ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىملار تىزىملىكىدە «مۇھەممەد» 21 – قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
«گېرمانىيە تىل تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ گېرمانىيەدە 2019 – يىلى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارغا قويۇلغان ئىسىملارغا ئالاقىدار دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بېرلىن ئۆلكىسىدە 2019 – يىلى تۇغۇلغان 21 مىڭ 622 ئوغۇل بالىدىن 283 ىگە «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلغان. برېمېن ئۆلكىسىدىمۇ بۇلتۇر تۇغۇلغان 5277 ئوغۇل بالىدىن 74 ىگە «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى ئۆلكىدە 2019 – يىلى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلۇشى دىققەت قوزغىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «مۇھەممەد» ئىسمى ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئۆلكىلەر ئارىسىدا ھېسسېن ئۆلكىسى 3 –، سائارلاند ئۆلكىسى 8 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.
دۆلەت مىقياسىدا ئوغۇل بالىلارغا ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىملار ئارىسىدا «مۇھەممەد» 21 -، «ئەلى» 73- ، «مالىك» 76 – قاتاردىن ئورۇن ئالىدىكەن.
قىز بالىلارغا ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىملار ئارىسىدا «لەيلا» 56 -، «ئامىرە» 91 -، «ئەلىف» 94 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.
دۆلەت مىقياسىدا 2019 – يىلى قىز تۇغۇلغان بالىلارغا ئەڭ كۆپ «ھاننا»، ئوغۇل تۇغۇلغان بالىلارغا «نوئاھ» ئىسمى قويۇلغان.