ھىندونېزىيەدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي سۇلاۋېسى ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 3 كىشى قازا قىلدى.

1412066
ھىندونېزىيەدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى ئۇچۇر ۋە ئالاقە مەركىزىنىڭ مەسئۇلى رادىتيا جاتى بايانات بېرىپ،  پولېۋالى ماندار رايونىغا قاراشلىق كېلاپا دۇئا يېزىسىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە 3 كىشى قازا قىلىپ، 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رادىتيا جاتى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن رايوندا بەزى ئۆي ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى،  زىياننى ئېنىقلاش، توسۇلۇپ قالغان يوللارنى ئېچىش ۋە تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر