«مەملەكەتىم» ناملىق ژۇرنال ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى (ي ت ب) نىڭ «مەملەكەتىم» ناملىق ئۈچ ئايلىق قەرەللىك ژۇرنىلى، «كۈچلۈك دىياسپورا، كۈچلۈك تۈركىيە» دېگەن شوئار ئاستىدا نەشر ھاياتىنى باشلىدى.

1407584
«مەملەكەتىم» ناملىق ژۇرنال ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردا ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، ژۇرنالنىڭ نەشر ھاياتىنى باشلىغانلىقىنى «چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 – يىلى يېڭىلىقى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئۇقتۇردى.

ئۇ، ژۇرنالنىڭ، چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان تۇنجى سانىدا «كۈچلۈك دىياسپورا، كۈچلۈك تۈركىيە» دېگەن شوئار ئاستىدا چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دىياسپورايىمىزدىن تارتىپ كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزگىچە (بولغان كەڭ ساھەگە ئالاقىدار) مول مەزمۇنلار بىلەن بېيىتقان <مەملەكەتىم> ژۇرنىلىمىز نەشر ھاياتىنى باشلىدى. ئەدەبىيات دۇنيامىزغا خەيرلىك بولسۇن! مېھنىتى سىڭگەن بارلىق دوستلىرىمغا تەشەككۈرلەر» دېدى.

ژۇرنالنى چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسىنىڭ (http://ytb.gov.tr/edergi) تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر