ئەردوغان «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق بالىلارنىڭ «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى.

1403954
ئەردوغان «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى ۋە <23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى> نى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

ئۇچۇرىدا، بالىلار بىلەن بىللە بولغان فوتو سۈرەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بىر ۋىدېئونى ھەمبەھىرلەشكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بالىلارغا مۇنداق خىتاب قىلدى: «كۈندىلىك ھاياتتا بىر بالىنىڭ كۈلۈمسىرىشىدىنمۇ چوڭ بەخت، بىر بالىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشتىنمۇ كاتتا ئۇنۋان يوقتۇر. ئۇرۇشلار، توقۇنۇشلار، ئاچارچىلىقلار ۋە قەھەتچىلىكلەر ئېڭىمىز ھەم كۆزىمىزنى پەردىلىۋالغان بىر دەۋردە، دۇنيانى گۈزەللەشتۈرىدىغان يېگانە ئامىل، سىز قەدىردان بالىلارنىڭ تەبەسسۇمىدۇر. سىلەر بىزنىڭ كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى، ئەتىمىزنىڭ ئۈمىدى ھېسابلىنىسىلەر. دەرۋەقە، سىلەر تېخىمۇ ھۇزۇرلۇق، تېخىمۇ بەخت – سائادەتلىك ۋە تېخىمۇ ئادالەتلىك، تېخىمۇ ئىستىقبالى پارلاق بىر دۇنيانىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولىسىلەر. چۈنكى، بالا بولۇش دېمەك، جۇشقۇن رۇھلۇق بولۇش، دۇنياغا ئاق كۆڭۈللۈك، مەسۇم كۆزلەر بىلەن نەزەر تاشلاش ۋە ئەتىگە چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە قەدەم تاشلاش دېمەكتۇر. بالا بولۇش دېمەك، دىلىدىكى چەكسىز، پايانسىز سۆيگۈگە مەھكەم يېپىشىش دېمەكتۇر. خۇدايىم بۇيرۇسا، سىلەر ئەتە بىرەر سەنئەتچى، سىياسەتچى، ئادلىم، ئوقۇتقۇچى، ئىنژېنېر، قانۇنشۇناس، كارخانىچى، ياكى باشقا ئىستىداتلىق زاتلاردىن بولىسىلەر. شۇ چاغدا، كەمچىل تەرەپلىرىڭلارنى تولۇقلاپ، سىلەردىن كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى سىلەر بەرپا قىلىسىلەر. <23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى> ڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بۇ بايرامنى ھەدىيە قىلغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرىنى يەنە بىر قېتىم چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئائىلىلىرىڭلار، ئوقۇتقۇچىلىرىڭلار  ۋە دوستلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە قانچىلىغان بايراملارنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر