تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا قەدەم قويۇش جەريانىغا دائىر ئۇچۇرلار...

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەدە ۋاكسىنانىڭ كەچۈرمىشى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1389755
تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا قەدەم قويۇش جەريانىغا دائىر ئۇچۇرلار...

تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدە باشلانغانلىقىنى ئاڭلىغاندىمىڭىز؟

 

1721- يىلى ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنىڭ رەپىقىسى مونتاگۇ خانىم دۆلىتىگە يازغان بىر پارچە مەكتۇپىدا، ئىستانبۇلدا چېچەك كېسىلىگە قارشى «ۋاكسىنا دەيدىغان بىر نەرسە» نىڭ ياسالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ مەكتۇپ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىگە دائىر ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ كونا مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

فىرانسىيەلىك خىمىك ۋە مىكرو بىئولوگ لۇئىس پاستېر، ئەينى ۋاقىتتىكى باشلىقلاردىن غالجىر ئىتلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى ئابدۇلھەمىت ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تەتقىقاتىنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى ئابدۇلھەمىدنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغان پاستېرغا 10 مىڭ ئالتۇن ئەۋەتىلىپ، ئوسمانلىدىن 3 كىشىنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە تەربىيەلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. فىرانسىيەگە بارغان ئۈچ كىشىلىك ھەيئەت، قايتقاندىن كېيىن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە «غالجىرئىت مىكروبى» ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇلغان بىر سۆڭەك يىلىكىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىدۇ. 1887-يىلى 1- ئايدا غالجىرلىق كېسىلىنى داۋالاش ئورنى قۇرۇلىدۇ. بۇ ئورۇن دۇنيانىڭ ئۈچىنچى، شەرقنىڭ بولسا، تۇنجى غالجىرلىق كېسىلىنى داۋالاش مەركىزى بولىدۇ.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا ھايۋان ۋە ئادەم ۋاكسىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىدۇ. 1940- يىللارغا قەدەر، تىفو، تىفۈس، دىفتېرىيە ، BCG ، خولېرا ، كۆكرەك پەردىسى ، تېتان ، غالجىرلىق ۋاكسىنىسى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. 1940-يىلى خولېرا يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا تۈركىيەدە ئىشلەنگەن خولېرا ۋاكسىنىسى ئەۋەتىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر