باشكەنت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

باشكەنت ئۇنىۋېرستېتى خەلق ساغلاملىقى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئايشە نۇرداگۈل ئاكىن، خەتەرلىك ياكى قارشى ئېلىنمىغان ھامىلدارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆپىيىش سەھىيەسى ۋە ئاياللارنىڭ كۈچلىنىشى ساھەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1306379
باشكەنت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەگە جايلاشقان باشكەنت ئۇنىۋېرستېتى خەلق ساغلاملىقى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئايشە نۇرداگۈل ئاكىن، خەتەرلىك ياكى قارشى ئېلىنمىغان ھامىلدارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆپىيىش سەھىيەسى ۋە ئاياللارنىڭ كۈچلىنىشى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى سەۋەبىدىن ب د ت نوپۇس فوندى(UNFPA)  مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ب د ت ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا 1994-يىلى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق نوپۇس ۋە تەرەققىيات كونفېرانسىغا قاتناشقان پىروفېسسور دوكتور ئايشە نۇرداگۈل ئاكىن، كونفېرانسنىڭ 25-نۆۋەتلىك نايروبى يىغىنىدا، 1994-يىلىدىن بۇيان خەلقئارالىق نوپۇس ۋە تەرەققىيات ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

ئايشە نۇرداگۈل ئاكىن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارالىق نوپۇس ۋە تەرەققىيات كونفېرانسىنىڭ بۇندىن 25 يىل بۇرۇن قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، ياش ئايال سۈپىتىدە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كونفېرانسنىڭ 1994-يىلىدىكى يىغىنىدىن بۇيان خەلقئارالىق كېلىشىملەردە بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن باشچىلىق رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقلارغا كۈچ چىقارغانلىقىدىن ئۆزىنى شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر