ھېرېدوتنىڭ ھالىكارناسسوس – بودرۇمدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ھېرېدوتنىڭ ھالىكارناسسوس – بودرۇمدا دۇنياغا كەلگەنلىكى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1300377
ھېرېدوتنىڭ ھالىكارناسسوس – بودرۇمدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ھېرېدوتنىڭ ھالىكارناسسوس – بودرومدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تارىخنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىلىدىغان ھېرېدوتنىڭ بودرۇمدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

بودرۇم ياكى تارىختىكى نامى بىلەن «ھالىكارناسسوس»، قۇياش، دېڭىز، تەبىئەت ۋە ئەپسانىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بىر غەربىي ئانادولۇ شەھىرىدۇر... مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000 – يىلىغىچە سوزۇلىدىغان ئۇزۇن تارىخى بىلەن نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر ساھىبخانلىق قىلغان بۇ شەھەر، ئەينى ۋاقىتتا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 – ئەسىردە تارىخنىڭ ئاتىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان ھېرېدوت دۇنياغا كەلگەن يەردۇر.

شەھەرگە «ھالىكارناسسوس» دېگەن نامنى بەرگەن كىشى كاريا پادىشاھى مائۇسولۇستۇر. ۋاپاتىدىن كېيىن مەلىكە ئارتېمىسىئا تەرىپىدىن نامىغا ئاتاپ بىر خاتىرە قەبرىسى سالدۇرۇلغان ۋە بۇ خاتىرە قەبرە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تارىخچىلار تەرىپىدىن دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر