ئىسلىم كاۋىپى

«ئىسلىم كاۋىپى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1298889
ئىسلىم كاۋىپى

ئىسلىم كاۋىپى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك تائاملىرى دېگەن ھامان ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ئالدى بىلەن «كاۋاپ» كېلىدۇ. كاۋاپ تۈرك تائاملىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، تۈرك تائاملىرى پەقەت كاۋاپتىنلا تەشتىل تاپمايدۇ.  چۈنكى كۆكتاتلار ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرمۇ تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

 بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا،  «تۈركىيەنىڭ يېمەكلىكشۇناسلىق پايتەختى» دەپ بىلىنىدىغان گازىئانتەپ شەھىرىگە ئائىت بىر تائام بولغان، پېدىگەن ۋە گۆش بىلەن ئېتىلىدىغان  «ئىسلىم كاۋىپى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«ئىسلىم كاۋىپى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 4  - دانە پېدىگەن
  • بىر ئىستاكان سۇ يېغى
  • 4 دانە كىچىك يوپۇرماقلىق پەمىدۇر
  • ئىككى دانە كۆكمۇچ
  • 500 گىرام قىيما
  • بىر دانە رەندىلەنگەن پىياز
  • 4 قوشۇق ئاق ئۇن
  • ئىككى چىش ئېزىلگەن سامساق
  • بىر دانە تۇخۇم
  • يېرىم قوشۇق تۇز
  • يېرىم قوشۇق قىزىلمۇچ
  • يېرىم قوشۇق زىرە
  • يېرىم قوشۇق قارىمۇچ

قىيامى ئۈچۈن

  • ئىككى قوشۇق ياغ
  • ئىككى دانە رەندىلەنگەن پەمىدۇر
  • بىر چىش ئېزىلگەن سامساق
  • يېرىم ئىستاكان قايناق سۇ
  • يېرىم قوشۇق تۇز
  • يېرىم قوشۇق قارىمۇچ

«ئىسلىم كاۋىپى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن پوستى سويۇۋېتىلگەن پېدىگەنلەرنى ئىتتىك بىر پىچاق بىلەن ئۇزۇن – ئۇزۇن قىلىپ 4 پارچە ھالىتىدە تىلىڭ. ئاندىن ئاچچىقىنىڭ چىقىشى ئۈچۈن يېرىم سائەتتەك تۇزلۇق سۇدا قويۇڭ.
  • بۇ ئارىلىقتا، قىيمىنى ئارىلاشتۇرۇش قاچىسىغا قويۇڭ.
  • رەندىلەنگەن پىياز، تۇخۇم، ئاق ئۇن، بىر دانە ئېزىلگەن سامساق، يېرىم قوشۇق تۇز، يېرىم قوشۇق قىزىلمۇچ، يېرىم قوشۇق زىرە، يېرىم قوشۇق قارىمۇچ قاتارلىقلارنى ئىلاۋە قىلىڭ، ئاندىن بارلىق ماتېرىياللار بىر - بىرىگە ئوبدان ئارىلاشقانغا قەدەر تەخمىنەن 10 – 15 مىنۇت ئەتراپىدا يوغۇرۇڭ.
  • يوغۇرۇلغان قىيمىدىن ئالقىنىڭىزدا يۇمىلاقلاپ، 8 دانە توپ قىلىپ تۈگۈڭ.
  • بۇ توپلارنى ئىككى قوشۇق ياغ  تۆكۈلگەن قازاندا ئالدى – كەينىنى ئۆرۈپ، پىشۇرۇڭ.
  • تۇزلۇق سۇدا دەملەنگەن پېدىگەنلەرنىڭ سۈيىنى سۈزۈپ، مول مىقداردىكى سۇدا يۇيۇڭ.
  • ئۈستىنى قەغەز لۆڭگە بىلەن، ياكى رەخت لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇڭ.
  • قازانغا 2 – 3 ئىستاكان ياغ تۆكۈپ، قىزىتىڭ.
  • پېدىگەنلەرنى بۇ ياغدا تاكى رەڭگى ئۆزگەرگەنگە قەدەر قورۇڭ. ئاندىن ئارتۇق يېغىنى يەنە قەغەز لۆڭگە بىلەن ئېلىڭ.
  • قىزىلمۇچلارنى تۆتكە، پەمىدۇرلارنى ئىككىگە بۆلۈڭ.
  • ئىككى دانە قىزارغان پېدىگەننى ئۈستى – ئۈستىلەپ تەخسىگە قويۇڭ. ئاندىن ئوتتۇرا قىسمىغا بىر دانە قىزارغان قىيما توپىنى قويۇپ، ئۈستىنى يېپىڭ. ئۈستىگە بىر پارچە كۆكمۇچ بىلەن پەمىدۇرنى يەرلەشتۈرۈڭ. قالغان قىيما توپلىرىنىمۇ شۇنداق قىلىڭ.
  • ئىككى قوشۇق ياغنى كىچىك بىر قىيام قازىنىدا ئىسسىتىڭ.
  • رەندىلەنگەن پەمىدۇر، بىر دانە ئېزىلگەن سامساق، يېرىم قوشۇق تۇز، يېرىم قوشۇق قارىمۇچ ئىلاۋە قىلىڭ. ئاندىن ھەممىسى بىلەن بىرلىكتە 4 – 5  مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇڭ، ئارقدىن ئوچاقتىن ئېلىڭ.
  • تەييارلانغان بۇ قىيامنى دوخۇپكىنىڭ پەتنۇسىدىكى پېدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭ.
  • تائامىڭىزنى ئالدىن ئىسسىتىلغان 180 گىرادۇسلۇق دوخۇپكىدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر