ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى باشلاندى

ت ر ت (تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) نىڭ 3-نۆۋەتلىك «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» بۈگۈن (21-ئۆكتەبىر) ئىستانبۇلدا باشلاندى.

1291511
ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى، مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دۇنيا خاراكتېرلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىش مەقسىتىدە پىكىر ئادەملىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ت ر ت نىڭ 3-نۆۋەتلىك 2019-يىللىق «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» (TRT World Forum) باشلاندى.

مۇنبەر ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئىستانبۇل كونگرە مەركىزىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىشتىراك قىلغان «يەر شارىلىشىشنىڭ كىرىزىسى: خەۋپلەرۋە پۇرسەتلەر» تېمىلىق مەخسۇس يىغىن بىلەن باشلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ رايوننىڭ تەسىرى كۈچلۈك پائالىيەتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» دە، «يەر شارىلىشىشتا چېكىنىش: دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئەكس ئېتىشى» تېمىلىق مەخسۇس يىغىندا سۆز قىلىدۇ.

كۈنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن مۇنبەر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ۋە چەت ئەللىك يۈزلەرچە سىياسەتچىنى، سودا-سانائەتچىلەرنى، ئاكادېمىكلارنى، پائالىيەت ئاكتىپلىرىنى، ژۇرنالىستلارنى، جامائەت ئەربابلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. مۇنبەردە ئېچىلىدىغان مەخسۇس يىغىنلارغا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن ۋە ئىدارە-ئورگانلاردىن كەلگەن دوكلات بەرگۈچىلەر، دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، مىنىستىرلار، ئاكادېمىكلار ئىشتىراك قىلىدۇ. مۇنبەردە، ئاشقۇن ئوڭچى ۋە سولچى تېررورلۇق، ئاۋامىزم ۋە مىللەتچىلىكنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، سودا ئۇرۇشلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكى ۋە يۈكسەلگەن كۈچلەرنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر تالاش-تارتىشلارنىڭ بىر پارچىسى بولىدۇ. پۈتكۈل دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەخسۇس يىغىنلارنىڭ تېمىلىرى تۆۋەندىكىچە:

يەر شارىلاشقان دۇنيادا كىملىك سىياسەتلىرى

 يۈكسەلگەن كۈچلەر ئۈچۈن يېڭى ئۇپۇقلار: رىقابەتمۇ ياكى ھەمكارلىقمۇ؟

ئۇرۇش لىنيەسىدە ناتو: يېڭى خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى

تېررورلۇقنىڭ يېڭى يۈزى: ئاشقۇن ئوڭچىلىق

ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىش: ئىنسانىي دىپلوماتىيە ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىش

ئوتتۇرا شەرقتە ئۆزگىرىشچان تەڭپۇڭلۇقلار ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق

جەمال قاشىقچى جىنايىتى: رايونلۇق گېئوپولىتىكانىڭ ئەكس ئېتىشىمۇ؟

كۈچلۈك باشقۇرۇش: مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋە ياۋروپا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشىمۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر