ت ر ت دۇنيانىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلمەكتە

ت ر ت (تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ت ر ت نىڭ دۇنيانىڭ ئاۋازى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1291845
ت ر ت دۇنيانىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ئىستانبۇل كونگرە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەر شارىلىشىشنىڭ كىرىزىسى: خەۋپلەر ۋە پۇرسەتلەر» تېمىلىق 2019-يىللىق «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى (2018) «پارچىلانغان دۇنيادا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» تېمىسىدا چاقىرىلغان مۇنبەردە 20 دىن ئارتۇق ئوچۇق ۋە يېپىق يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىلقى «يەر شارىلىشىشنىڭ كىرىزىسى: خەۋپلەر ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسىدا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئوخشىمىغان زاللاردا 40 تىن ئارتۇق يىغىننىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» نىڭ رايون ۋە دۇنيا مەسىلىلىرى مۇنازىرە قىلىنغان ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن خەلقئارالىق مۇنبەرلەردىن بىرى بولۇش ھالىغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «قىلغان ھەر بىر ئىشىمىزدا <ئىنساننى ۋە ۋىجداننى مەركەز قىلىش> دەردىمىز ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان مۇنبەردىمۇ بۇ ئاساسى پىرىنسىپىمىزنى مەركەزگە قويدۇق» دېدى.

ئۇ ت ر ت نىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكى خاتا يېتەكلىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە پەقەت ھەقىقەتلەرگىلا سادىق بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىگە قاتنىشىشتا بەزىدە تۈرلۈك باھانىلەرنى، بەزىدە بىۋاستە ھەرىكەتنى سەۋەب كۆرسىتىپ قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان مېھمانلار بولدى. ئۇلارنىڭ بىزدەك دېموكراتىيەدە پىشقان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ قايغۇردۇق.  ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان مەدەنىيەتكە تەۋە بىر تەرەپكە يان باسقان نۇقتىئىينەزەرنىڭ، يەر شارى خاراكتېرلىك توغرا دەپ قوبۇل قىلىنغان ۋە ئاۋازى يەتمىگەنلەر يوق ھېسابلانغان بۇ ئادالەتسىز تەرتىپنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمىدۇق. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزدىن ئالغان ئىلھام بىلەن 7.5 مىليارد كىشىنىڭ تەقدىرىنى بەش دۆلەتنىڭ قارارىغا تاشلاپ قويغان سىستېمىغا نارازىلىق بىلدۈردۇق. بۇ ئادالەتسىز سىستېمىنىڭ قۇربانلىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۆزلىرىنى ئاڭلىتىشى ئۈچۈن بىر مۇنبەرگە ئىگە قىلدۇق. ت ر ت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيا ۋىجدانىنىڭ ئاۋازى بولدۇق. بۈگۈنگىچە بولۇپ كەلگەنگە ئوخشاش، بۇندىن كېيىنمۇ ت ر ت دۇنياينىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاجىزلارنىڭ ئاۋازىنى، ھەقنى، ھەقىقەتنى، دۇنيادا شۇنداقلا رايوندا يۈز بەرگەنلەرنى بارلىق ھەقىقەتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر