ي ت ب يېڭى ئەۋلادلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىگە ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب (YTB) نىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ي ت ب نىڭ يېڭى ئەۋلادلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىگە ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1275501
ي ت ب يېڭى ئەۋلادلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىگە ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ۋە ھەر خىل ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن كاناداغا يېتىپ باردى. ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بارغان ھەيئەت بىلەن كانادادا ياشاۋاتقان بوشناقلارنىڭ جامەسىنى ۋە جەمئىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ تورونتودا تۇرۇۋاتقان كونسۇلى سىنەم مىنگان ۋە كونسۇلخانىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بۈلەنت چىفىتچى، كانادادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى ۋە ۋەخپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئانادولۇ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە بېرىپ، مەركەز مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى.

ئانادولۇ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى ئاسىم خوجا مەركەزنىڭ كانادادا ي ت ب بىلەن ئورتاق لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىم خوجا يېڭى مەزگىلدە ي ت ب نىڭ قوللىشى ئاستىدا لايىھەلەر ئارقىلىق تۈرك ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ياشلىرىنى پىروگراممىلىرىدا تەشكىللەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئابدۇللاھ ئەرەن سۆز قىلىپ، ي ت ب نىڭ خىزمەتلىرى ۋە لايىھەلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن باياناتى بىلەن قايتىدىن ئۈمىدلەنگەن مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان تۈركىيەگە بۇرالغانلىقى بىلدۈرۈپ: «ي ت ب مۇ بېشىنى تۈركىيەگە بۇرىغان مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتى. چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرى بولسا، يېڭى ئەۋلادلارنىڭ تۈرك تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەييارلىغان لايىھەلىرىمىز بىلەن، بۇ مەسىلىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە يىنىكلىتىشكە ھەسسە قوشىمىز» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، كانادا مىقياسىدا ئوخشىمىغان جەمئىيەت ۋە ۋەخپىلەر بىلەن ھەر خىل لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ، بۇ يىل نۇرغۇن لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر