قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى مىللىي ئويۇنلار پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋنىڭ ھىمايىسىدە 16 – سېنتەبىردە باشلانغان 1 – نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى مىللىي ئويۇنلار پائالىيەتلىرى دەبدەبىلىك يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.

1273966
قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى مىللىي ئويۇنلار پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشتى
kirgizistan.jpg
kirgizistan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكامۇ يېقىندىن ھەمكارلاشقان 1 – نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى مىللىي ئويۇنلارغا مىڭ يىل ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتقان قىرغىز قەھرىمانى ماناس بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق قىرغىز يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ يۇرتى بولغان 200 مىڭ نوپۇسلۇق تالاس شەھىرى ساھىبخانلىق قىلدى.

قىرغىزىستاندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ئۈچۈن تالاس شەھىرىدىكى ماناس مەدەنىيەت مەركىزىدە ئونلارچە چېدىر تىكىلدى.

پائالىيەت جەريانىدا ھەرقايسى رايون ۋە شەھەرلەر 5 كۈن بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە ھۈنەر – ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى. مىللىي ئويۇنلار مىڭلارچە ئادەم ئىشتىراك قىلغان يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ ئويۇنلارنىڭ كېلەر يىلى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئوشتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر