ئىستانبۇلدىكى تېخنولوگىيە فېستىۋالى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيە يەرمەنكىسى بولغان ئىستانبۇل ئاۋىياتسىيە، ئالەم ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى (TEKNOFEST) ئۈچىنچى كۈنىدە نۇرغۇن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

1272859
ئىستانبۇلدىكى تېخنولوگىيە فېستىۋالى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تېخنولوگىيە ئەترىتى ۋەخپىسى بىلەن سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشچىلىقىدا ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىدارە-ئورگان ھەمدە شىركەتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا 17-سېنتەبىر (سەيشەنبە) كۈنى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا باشلانغان فېستىۋالدا، ھەربىي ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ كۆرگەزمە زاللىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

بۈگۈنمۇ (19-سېنتەبىر) كۈن بويى فېستىۋال مەيدانىدا ھەر خىل مۇسابىقىلەر ۋە نومۇرلار كۆرسىتىلدى.

فېستىۋالنىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش پىلان قىلانغان بولۇپ، فېستىۋالدا ئىشتىراكچى شىركەتلەرنىڭ زاللىرىدا مەلۇمات بېرىش ۋە سىناق قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

فېستىۋالنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 3 مىليون لىرادىن ئارتۇق بولىدۇ.

فېستىۋال 22-سېنتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر