ئىزمىر ئازادلىقىنىڭ 97-يىللىقى تەبرىكلەندى

بۈگۈن (9-سېنتەبىر) ئىزمىرنىڭ دۈشمەن ئىشغالىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 97-يىللىقى.

1266220
ئىزمىر ئازادلىقىنىڭ 97-يىللىقى تەبرىكلەندى
izmir'in kurtulus yildonumu2.jpg
izmir'in kurtulus yildonumu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1922-يىلى 9-سېنتەبىر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئانادولۇمۇ دۈشمەندىن تازىلانغان كۈن. ئازادلىق يىل كۈنى ئىزمىردە جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەندى. تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى 350كىۋادرات مېتىرلىق تۈركىيە بايرىقى ئېلىپ مېڭىلغان زەپەريۈرۈشى بىلەن باشلاندى.

ئىزمىر ۋالىي مەھكىمىسى ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، ئاتلىق قىسىمنىڭ ئىزمىرغا كىرىشى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇلدى. ئارقىدىن ئىككى ئەسكەر ئىستىقلال مارشىغا تەڭكەش قىلغان ھالدا بايراق چىقاردى. ئاتلىق قىسىم ئافيونكاراھىساردىن ئېلىپ كەلگەن تۈركىيە بايرىقىنى ئىزمىر ۋالىيسى ئەرول ئاييىلدىزغا تەقدىم قىلدى.

ئىزمىر ئازادلىقىنىڭ 97-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، سولوتۈرك ۋە تۈرك يۇلتۇزلىرى ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسەتتى.

فەنەر بىرىگادىسى بۈگۈن كەچتە جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىن گۈندوغدۇ مەيدانىغا پىيادە مېڭىپ نومۇر كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر