سارايېۋودا 15-ئىيۇل شېھىتلىرى ئۈچۈن 251 كۆچەت تىكىلدى
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادكى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىشىش كۈنى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، پايتەخت سارايېۋودىكى تۈركىيە-بوسنىيە-گېرسېگوۋىنا دوستلۇق ئورمانلىقىغا 251 شېھىتنىڭ نامىغا 251 كۆچەت تىكىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادكى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىشىش كۈنى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، پايتەخت سارايېۋودىكى تۈركىيە-بوسنىيە-گېرسېگوۋىنا دوستلۇق ئورمانلىقىغا 251 شېھىتنىڭ نامىغا 251 كۆچەت تىكىلدى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) تەرپىدىن 2019-يىللىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى رامكىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ كۆچەت تىككەن ئورمانغا «15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىشىش خاتىرە ئورمانلىقى» دەپ بام بېرىلدى.
تۈركىيەنىڭ سارايېۋودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خالدۇن كوچ مۇنداق لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ 2016-يىلى 15—ئىيۇل يۈز بەرگەن خائىن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇنتۇغۇزمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بوسنىيە-گېرسېگوۋىنادىكى قانۇنىي باسقۇچلارنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سارايېۋودىكى پىروگرامما كوردىناتورى ئۆمەر فارۇق ئالىمجى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى جەريانىدا شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەپ، سارايېۋوغا 251 دانە كۆچەت تىكىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بوسنىيە-گېرسېگوۋىنانىڭ تېسناج شەھىرىدە «15-ئىيۇلغا بوسنىيە-گېرسېگوۋىنانىڭ قارىشى» نامىدا لېكسىيە يىغىنى ۋە فوتوگراف كۆرگەزمىسى ئېچىلغان.