ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ 1453 – يىلى پەتھى قىلىنىشىنىڭ، بىر دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە بىر دەۋرنى ئاچقان، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن تارىخىي زەپەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1210244
ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 29 – ماي ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 566 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدھىيەسىگە، خۇش خەۋەر بېرىشىگە نائىل بولغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان ۋە قەھرىمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىستانبۇلنى پەتھى قىلغان ۋاقىتتا نامايەن قىلغان قەتئىي ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچى، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنى 2023 –، 2053 – ۋە 2071 – يىللىق ئۇلۇغۋار نىشانلىرى ۋە غالىبىيەت مەنزىلگاھلىرىغا يەتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئىلھام مەنبەسى بولماقتا.  ئىستانبۇلنىڭ 1453 – يىلى پەتھى قىلىنىشى، بىر دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە بىر دەۋرنى ئاچقان، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن مۇھىم تارىخىي زەپەرلەردىن بىرىدۇر.  29 – ماي ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 566 – يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. فاتىھ سۇلتان مەھمەت خاننىڭ خۇش پېئىللىق ۋە ئادالەتكە ئاساسلىنىدىغان ھاكىمىيىتى ئارقىلىق ئىستانبۇل ئوخشىمىغان ئېتىقادلار ۋە مەدەنىيەتلەرگە مەنسۇپ خەلقلەر ئىناق ھەم تىنچ بىر يەردە ياشىيالايدىغان مۇھىم مەركەزگە ئايلانغاندۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر