گوللاندىيەدە كېيىن مۇسۇلمان بولغانلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتار پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

گوللانىيدە دىنىي ئىشلار جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇلۇ جامە رەھبەلىكى تەرىپىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتار پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.

1206873
گوللاندىيەدە كېيىن مۇسۇلمان بولغانلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتار پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ ئۇترېچت شەھىرىدە كېيىن مۇسۇلمان بولغانلار ئۈچۈن بېرىلگەن مەخسۇس ئىپتاردىن ئىلگىرىكى ئەركىن سۆھبەتتە رامىزان ئېيىدا باشتىن كەچۈرگەن يېڭى تەجرىبىلەر ھەمبەھىرلىشىلدى.

رامىزاندىن ئېيىدىن 3 كۈن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان 18 ياشلىق پولشا پۇقراسى بورىيىس ماتۇلنىسكى «بۇ يىل تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولۇپ روزا تۇتتۇم. ئانام ۋە دادام 3 يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان بولۇپ بولغان ئىدى. شۇڭا ئالدىنقى يىلى ئۇلار بىلەن بىرگە روزا تۇتقان ئىدىم» دېدى.

مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى بىر ئىزدىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقىنى چۈشۈندۈرگەن ماتۇلنىسكى «ئۆتكەن يىلى روزا تۇتقىنىمدا ئۆزەمنى خىرىستىيانلىقتىنمۇ بەك مۇسۇلماندەك ھېس قىلغان ئىدىم. چۈنكى ئىسلامدا ھەممە نەرسە مەنتىقلىق كۆرىنەتتى» دېدى.

ئالدىنقى ئاۋغۇست ئېيىدا مۇسۇلمان بولغان زاكارىئا ۋان مېلمۇ كېيىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئومۇمەن ئىپتارلاردا يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ئىپتار پىروگراممىسىنىڭ ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇق تۇيغۇسىنى يوقۇتىدىغانلىقى نۇقتىسىدىنمۇ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۇلۇ جامە باشلىقى يۈجەل ئايدەمىر بولسا، بۇ ئىفتار نەتىجىلىك بولغان ئەھۋالدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ يالغۇز ئىپتار قىلىدىغانلانىڭ يالغۇزلۇقىغا مەلھەم بولۇشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىفتارغا قاتناشقان ھەممەيلەنگە رەخمەت ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر