ئەردوغان رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقاتتى.

1195310
ئەردوغان رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچۇرىدا، «بېشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت، ئاخىرى دوزاختىن نىجاد تېپىش بولغان رامىزانى شەرىپ خەلقىمىز، ئىسلام دۇنياسى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋاسىتە بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئەردوغان يەنە، «جانابى ئاللاھ ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن، بىزلەرنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە روزا ھېيتىغا يەتكۈزسۇن» دەپ دۇئا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر