يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى ئوغۇل دوستى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جېيندا ئاردېرن (Jacinda Ardern) غا چاي ئىچۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1194357
يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى ئوغۇل دوستى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە رادىيوسىنىڭ باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باش مىنىستىر ئاردېرن پاسكاليا بايرىمى مەزگىلىدە ئوغۇل دوستى كلارك گايفورد (Clarke Gayford) بىلەن ئۆيلىنىشكە پۈتۈشكەن.

2013-يىلىدىن تارتىپ بىرلىكتە تۇرۇۋاتقان ئاردېرن بىلەن گايفوردنىڭ 21-ئىيۇندا (2018) نېۋ تې ئاروھا (Neve Te Aroha) ئىسىملىك قىزى دۇنياغا كەلگەن ئىدى.

بىر جۇپلار ھازىرچە چاي ئىچۈرۈلۈش توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىدى، ئەمما بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تەبرىكلەر كېلىشكە باشلىدى. ئۆكتىچى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سىمون برىجېس (Simon Bridges) تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «باش مىنىستىر ۋە كلاركنىڭ چاي ئىچۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز» دېدى.

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بېنازىر بۇتتودىن كېيىن، ھاكىمىيەتتىكى چېغىدا پەرزەنت يۈزى كۆرگەن ئىككىنچى ئايال باش مىنىستىر ھېسابلىنىدىغان جېيندا ئاردېرن، ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە 73-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدە ئېچىلغان نېلسون ماندېلا تىنچلىق يىغىنى (2018) غا ئۈچ ئايلىق بولغان قىزى بىلەن قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر