ئەنگلىيە شاھزادىسى يېڭى زېلاندىيەدىكى جامەنى زىيارەت قىلدى

ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ۋارىسى شاھزادە ۋىليام (William) تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر جامەسىنى زىيارەت قىلدى.

1190334
ئەنگلىيە شاھزادىسى يېڭى زېلاندىيەدىكى جامەنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س (BBC) خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شاھزادە ۋىليام ئىككى كۈنلۈك يېڭى زېلاندىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، كىرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر جامەسىنى زىيارەت قىلىپ، جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمغا «تەسۋىرلەش مۇمكىن بولمايدىغان نەپرەت ھەرىكىتى» دەپ باھا بەرگەن.

شاھزادە ۋىليام رادىكال ئوڭچى تېررورىستنىڭ مەقسىتىگە يېتىشتە مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن جامەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورىست باراۋەرلىككە سىمۋول قىلىنىدىغان جايغا، نەپرەت ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا ئۇرۇندى» دېدى.

ئۇ يېڭى زېلاندىيە خەلقىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنى ماختاپ: «ناھايىتى كەسكىن بولغان ئىزتىراپ جەريانىدا، بىرلىكتە قەددىڭلارنى تىك قىلىپ تۇردۇڭلار. بىر تىراگېدىيەگە بىلدۈرگەن نارازىلىقىڭلار بىلەن ماختاشقا تېگىشلىك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردىڭلار» دېدى.

قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن (JacindaArdern)، شاھزادە ۋىليامنىڭ جامە زىيارىتىدە ھەمراھ بولغان بولۇپ، ۋىليام جامە ھۇجۇمىدا ھاياتتا قالغان كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

ئەنگلىيە پادىشاھى 2-ئېلىزابېت يېڭى زېلاندىيەنىڭمۇ دۆلەت باشلىقى ھېسابلىنىدۇ. 2019-يىلى 15-مارت (جۈمە) يېڭى زېلاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدىكى نۇر جامەسىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا، 50 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 50 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر