بەزى دۆلەتلەردە "قېنى سىرتقا"نامى ئاستىدا بالىلار فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى بەزى دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە "قېنى سىرتقا"نامى ئاستىدا بالىلار فېستىۋالى ئۆتكۈزدى.

1187202
بەزى دۆلەتلەردە "قېنى سىرتقا"نامى ئاستىدا بالىلار فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا "قېنى سىرتقا"نامى ئاستىدا بالىلار فېستىۋالى ئۆتكۈزدى.

ئەل-ئەھلى تەنتەربىيە كۇلۇبىغا تەۋە مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا، تۈركىيەدىن ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، بالىلار مەدەنىيەت تەتقىقات ۋە تەدبىقات مەركىزى، ئەنقەرە بالىلار مۇزېي ۋە تۈركىيە-ئىيوردانىيە دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

ئىيوردانىيە ۋە قاتاردىن سىرت ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ فېستىۋالدا ئەنئەنىۋى كوچا ئويۇنلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرى، رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومورلىرى قويۇلىدۇ.

ئاممان يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى مۇدىرى جەنگىز ئەرئوغلۇ، بالىلارغا ئەنئەنىۋى تۈرك ئويۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىنتېرنېت ئويۇنلىرىدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە بۇ قېتىمقى فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەرئوغلۇ فېستىۋال دائىرىسىدە بالىلارغا تېپىشماق تېپىش، ئويۇنچاق بوۋاق ۋە لەگلەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ياساشنى ئۆگىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋاكالىتەن فېستىۋالغا قاتناشقان مۈگە ئاكار ھازىرقى بالىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەسىرنى ئازايتىشنىڭ چارىلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇلارغا ئەنئەنىۋى ئويۇن ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

6ياشتىن 15 ياشقىچە بالىلار قاتنىشالايدىغان بۇ قېتىمقى فېستىۋال ئەتە ئاخىرلىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر