ئەتە مىراج قەندىلى

ئىسلام دۇنياسىدا «ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يۈكسىلىش ۋە بارلىق گۇناھلاردىن پاكلىنىش» دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان مىراج قەندىلى ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ.

1175024
ئەتە مىراج قەندىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىراج قەندىلى 8 – مارت كۈنى باشلانغان «مۇبارەك ئۈچ ئاي» نىڭ بىرىنچىسى بولغان رەجەب ئېيىنىڭ 27 – كېچىسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئىسلام ئېتىقادىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەۋىتىگە بىنائەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىقىدا مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا، ئۇ يەردىن ئاسمانغا ۋە ئىلاھىي ھۇزۇرغا يۈلكسەلگەن، سەپىرىدە «بۇراق» ناملىق تۇلپارغا مىنىپ، ساياھەت قىلغان، دەپ قارىلىدۇ.

شۇ كېچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش پەرز قىلىنغان، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر بېرىلگەن، «ئامەنەر رەسۇلۇ» دەپ باشلانغان «بەقەرە سۈرىسى» نىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى نازىل قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ كېچىسى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەم ئىنساننىڭ ياشاش ھەققى، شان – شەرىپى ۋە ئار – نومۇسىنى قوغداش،  ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ھۇزۇرى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىشان قىلىنغان 12 تۈرلۈك ئەمىرنى ۋەھىي قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دىنىي خىزمەتلەر باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «مىراج قەندىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر