تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن گۈللەر 20 دۆلەتنىڭ خانىم – قىزلىرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ

تۈركىيەدىن «8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 20 دۆلەتكە تەخمىنەن 5 مىليون دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلىندى.

1158356
تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن گۈللەر 20 دۆلەتنىڭ خانىم – قىزلىرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ
cicekler.jpg
cicek.jpg
cicek ihracat.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئانادولۇ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى ۋە بۇيۇملىرى ئېكسپورتچىلىرى بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل يىلماز، «14 –  فېۋرال ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى» كۈنىگە ئاتاپ گۈل زاكاس قىلىنىشىدىن كېيىن، «8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ گۈل زاكاس  قىلىش ئىشلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، تەخمىنەن 20 كۈندىن بۇيان بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاخىرقى گۈل زاكاس قىلىش ئىشلىرىنى تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «20 دۆلەتكە 35 مىليون گۈل ئەۋەتتۇق، ئەڭ كۆپ ئۇكرائىنا، بۇلغارىيە، رۇمىنىيەگە گۈل ئېكسپورت قىلىندى. <خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى> كۈنى بولۇپمۇ شەرق لاگېرى ئەللىرىدە قىزغىن تەبرىكلىنىدۇ، ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىدا بۇ دۆلەتلەردىكىدەك ھاياجان يوق.»

گۈلچىلىك ساھەسىدە 100 خىلدىن ئارتۇق گۈل ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، بىراق، كۆپ ھاللادا سېرىنگۈل ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان يىلماز، ئوخشىمىغان تۈردىكى گۈللەرنىڭ ئىزچى بازارلارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، «8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنىدىمۇ، «ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى» كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا  قىزىل سېرىنگۈلنىڭ تاللىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر