تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا 145 مىڭ 700 كىشى ئىلتىماس قىلدى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسىنىڭ تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسىغا قىلىنغان ئىلتىماسلار سانىنىڭ 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1157409
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا 145 مىڭ 700 كىشى ئىلتىماس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر-ي ت ب (YTB) ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن 2012-يىلى 42 مىڭ ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالغان تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسىنىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ دۇنيادىكى 167 دۆلەتتىن كەلگەن 145 مىڭ 700 ئىلتىماس بىلەن، رېكورت سەۋىيەدە ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ي ت ب ئېلان قىلغان ۋە ئابدۇللاھ ئەرەننىڭ قاراشلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلغان يازما باياناتتا، 2019-يىللىق ئىلتىماس قوبۇل قىلش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغانلارغا تەشەككۈر ئېيتىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇللاھ ئەرەن: «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا بولغان قىزىقىش بىزنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىدۇ. بىزمۇ ھەر يىلى ئېشىۋاتقان قىزىقىش ۋە تەلەپكە جاۋابەن مۇكاپات بېرىش ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئاشۇرۇشقا، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ يىلقى تەلەپلەرنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتتۇق. تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ تۈركىيەدە ئالىي مائارىپنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەگە يېتىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. نىشانىمىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 17 مىڭ ئوقۇغۇچى سانىنى 2023-يىلى 25 مىڭغا چىقىرىش» دېگەن.

ھەر يىلى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى رامكىسىدا، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 5 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. پەقەت چەت ئەل پۇقرالىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار پايدىلىنالايدىغان بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا، ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىلتىماش قىلغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر