تۈركىيە تەتقىقات ئەترىتى ئانتاراكتىكاغا قەدەم باستى

3-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئانتاراكتىكا بىلىم سەپىرى رامكىسىدا يولغا چىققان تۈركىيە تەتقىقاتچىلىرى، ئۇزۇن يولنى بېسىپ ئاخىرىدا ئاپئاق قىتئەگە قەدەم باستى.

1138484
تۈركىيە تەتقىقات ئەترىتى ئانتاراكتىكاغا قەدەم باستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 29-يانۋار (سەيشەنبە) ئىستانبۇلدىن ئانتاراكتىكاغا قاراپ يولغا چىققان 17 كىشىلىك تۈركىيە تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرى بولدى. ئەترەت تەخمىنەن 30 سائەتلىك سەپەردىن كېيىن، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئولتۇراق رايونى بولغان پۇئېرتو ۋىليامس (Puerto Williams) تا ئىككى كېچە قونۇپ قالدى. تۈركىيە ئەترىتىنى پۇئېرتو ۋىليامس رايونىنىڭ ۋالىيسى خۇەن جوس ئاركوس كۈتۈۋالدى.

ئەترەت پۇئېرتو ۋىليامستىن كېيىن، ئانتاراكتىكانىڭ كىڭ جورج (King George) ئارىلىغا يېتىپ باردى. ئەترەت ئارالدا 30 كۈن بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر