تۈركىيە ئوقۇش ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى (YTB) نىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدە ئالىي مائارىپ پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان «2019-يىللىق تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى» ئۈچۈن ئىلتىماس قوبۇل قىلىش باشلاندى.

1127199
تۈركىيە ئوقۇش ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان تۈركىيە ئوقۇش ياردىمى (Türkiye Bursları)، تۈركىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرستېتلاردا تولۇق ياكى قىسقا ۋاقىتلىق ئوقۇش پىروگراممىسى بويىچە تەربىيەلىنىدىغان، تاللانغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان، دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدىغان، رىقابەت خاراكتېرلىك ئوقۇش ياردىمى دەپ بىلىنىدۇ.

تۈركىيە ئوقۇش ياردىمى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى، ھەمدە كېلەچەكتىكى رەھبەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

2019-يىللىق تۈركىيە ئوقۇش ياردىمىگە 15-يانۋاردىن 20-يانۋارغىچە بارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىۋاستە قولدىن يەتكۈزگەن ئىلتىماسلار ۋە پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن ئىلتىماسلار قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئىلتىماس قىلىشقا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ. تولۇق كۇرستا، ئاسپىرانتلىقتا ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردىمىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2018-يىلى تۈركىيە ئوقۇش ياردىمى پىروگراممىسىغا 135 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلدى. ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلگەن «تۈركىيە ئوقۇش ياردىمى» دىن پايدىلانغان ۋە 160 دۆلەتتتىن كەلگەن 17مىڭ 500 ئوقۇغۇچى، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ خەلقئارالىق سۈپەتكە يېتىشىدە مۇھىم رولنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پىروگرامما دائىرىسىدە، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردىمى تارقىتىلىۋاتىدۇ. پەقەت چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارلا پايدىلىنالايدىغان تۈركىيە ئوقۇش ياردىمىگە، ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ.

ئىنتېرنېتتىن تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى ئەۋەتكەن ۋە دەسلەپكى باھالاشتىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار، دۇنيا مىقياسىدا بېكىتىلگەن تەخمىنەن 100 گە يېقىن نۇقتىدا مۇلاقەت (يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش) كە تەكلىپ قىلىنىدۇ.

ئاكادېمىكلار ۋە چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مۇلاقەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن نامزاتلار، ئوقۇش ياردىمىنى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. تۈركىيەگە كەلگەن نامزاتلار، تۇنجى يىلى تىل كۇرسلىرىدا تۈركچە ئۆگىنىدۇ. ئاندىن تاللىشىغا ئاساسەن ھەر قايسى ئۇنىۋېرستېتلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ. تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت، دوكتور ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان تۈركىيە ئوقۇش ياردىمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئايلىق خىراجەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، تۈركىيەدە تۇرغان ۋاقىت ئىچىدە داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تۆلىنىدۇ.

ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار «www.turkiyeburslari.gov.tr» ئادرېسىدىن ئىلتىماس قىلالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر