خىتاي كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

كانادا باش مىنىستىرى خىتاينى «ئۆز خاھىشى بويىچە سوت قىلىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

1126250
خىتاي كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترۇدېئۇنىڭ خىتاينى «ئۆز خاھىشى بويىچە سوت قىلىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «كانادانى قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ۋە خىتاي سوتىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، شۇنداقلا خاتاسىنى تۈزۈتۈشكە ۋە مەسئۇلىيەتسىز باياناتلارنى ئېلان قىلماسلىققا چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

خۇا چۈنيىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئۇنىڭ بىر كانادا پۇقراسى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينى ئۆز خاھىشى بويىچە سوت قىلىدۇ دەپ ئەيىبلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

«قانۇننىڭ ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەردۇر» دېگەن خۇا، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ تەقەززاسىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى، كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ باياناتلىرىنىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە دائىر ئەڭ ئەقەللىي ئاڭدىنمۇ خالىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خۇا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان سالىدىغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جىنايەتكە قارىتا دۇنيادا ئېغىر جازالار بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىنلا كانادانىڭ خۇا ۋېينىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى لازىملىقىنى يەنە تەلەپ قىلدى.

تۈنۈگۈن خىتايدا، «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى» دەپ ئەيىبلەنگەن روبېرت لىلويىد سچېللېنبېرگ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى ترۇدېئۇ ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددىي ئەشۇ كانادا پۇقراسى دۇچ كەلگەندەك ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىش يولىنى تاللىدى. بۇ ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال. بارلىق خەلقئارادىكى دوستلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزمۇ شۇنداق ھېسسىياتتا بولۇشى لازىم» دېگەن ئىدى.

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە تەۋە دالىيەن شەھىرىدىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 222 كىلوگىرام مېتافېتامېننىڭ خىتايدىن ئاۋستىرالىيەگە يۆتكىلىشىگە ياردەم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 2016يىلىدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ بولغان روبېرت لىلويىد سچېللېنبېرگنى قايتىدىن ئۆلۈم جازاغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

سوتچىلار: «يېڭى پاكىتلارنىڭ سچېللېنبېرگنىڭ خەلقئارالىق تەشكىللىك بىر زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەن قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خۇا ۋېينىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇ 1دېكابىرىدا ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كانادادا نازارەتكە ئېلىنغان ۋە سوتتا شەرتلىك ھالدا كاپالەتكە قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغان مىڭ ۋەنجۇ ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى سابىق دىپلوماتىيە خادىمى مىشېل كوۋرىگ ۋە سودا سانائەتچى مىشېل سپاروۋنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلدى دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ نازارەتكە ئالغان ئىدى. 

كانادا دائىرىلىرى خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرى سانىنىڭ 200 دىن ئېشپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر