تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى سۈرىيە خەلقىگە يەتكۈزۈلگەن ياردەملەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئۆتكەن يىلى (2018) سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلققە 316 يۈك ئاپتوموبىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى تارقاتتى.

1123849
تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى سۈرىيە خەلقىگە يەتكۈزۈلگەن ياردەملەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى سۈرىيەدە تېررورلۇقتىن تازىلانغان فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ھەمدە ئىدلىبتىكى خەلققە يەتكۈزگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىنىڭ يازما باياناتىدا، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا ياردەم پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بەش ئىشخانا ئېچىلغانلىقى، تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن 310 يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بۇ ئىشخانىلار ئارقىلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئۆتكەن يىلى رايوندا 120 مىڭ نان تارقاتقان. ھەلەبنىڭ ئازېز ناھىيەسىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان كىشىلەر پاناھلانغان لاگېرلاردا ھەر كۈنى 15 مىڭ نان تارقىتىلغان. ئىچكى ئۇرۇشلاردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان 160 جامە رېمونت قىلىنىپ، 2018-يىلنىڭ ئىچىدە ئىبادەتكە ئېچىلغان. 268 جامەنىڭ رېمونتى ۋە ئاسىراش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىچكى ئۇرۇش بويىچە جەمئىي 1866 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلىنى خەلققە يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر