يەر شارى 3-يانۋار قۇياشقا ئەڭ يېقىنلاشتى

يەر شارى 3-يانۋار ئۆز ئوقىدا قۇياشقا ئەڭ يېقىن بولغان كۈننى باشتىن كەچۈردى.

1119363
يەر شارى 3-يانۋار قۇياشقا ئەڭ يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسترونوملار يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدىكى يىللىق ئايلىنىشىدا قۇياشقا ئەڭ يېقىن نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسترونوملار تەكشۈرۈشلىرىدە، قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان يەر شارىنىڭ 3-يانۋار (پەيشەنبە) قۇياشقا 4 مىليون 830 مىڭ كىلومېتىر بولغان ئەڭ يېقىن نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

ئاسترونومىيەدە «قۇياشقا ئەڭ يېقىن نۇقتا» ديىلىدىغان ۋە ھەر يىلى يانۋار ئېيىدا كۆرۈلىدىغان يەر شارىنىڭ قۇياشقا يېقىنلىشىش ئەھۋالى، يەر شارى شەكلىنىڭ ئىللىپىس بولۇشى سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ سەۋەبلىك يەر شارىدا ئوخشىمىغان پەسىللەر پەيدا بولىدۇ.

يەر شارىنىڭ قۇياشقا ئەڭ يىراق مەزگىلى ھەر يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر