ئىرانلىق سىياسىيون ۋە ئالىم ۋاپات بولدى

ئىرانلىق داڭلىق سىياسىيون ۋە ئالىم مەھمۇد ھاشىمى شاھرۇدى ۋاپات بولدى.

1113333
ئىرانلىق سىياسىيون ۋە ئالىم ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1999 – يىلدىن 2009 – يىلغىچە ئەدلىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىراننىڭ مۇھىم سىياسىيونلىرىدىن ۋە كېلەچەكتە دىنىي رەھبەر بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان  69 ياشلىق مەھمۇد ھاشىمى شاھرۇدى، مېڭە ئۆسمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيەدە داۋالىنىۋاتاتتى.

ئۇ، 2017 – يىلى ئىراننىڭ دىىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي تەرىپىدىن پارلامېنت ۋە ئاساسىي قانۇننى قوغداش كېڭىشى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن دۆلەتلىك قانۇن لايىھەسى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر