ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش مەيدانى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 48 - 2018

1098180
ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش مەيدانى (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز قېرىنداشلار، ئۇلۇغ جۈمە كۈنىمىز مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن. "نەپىس" دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ. پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەقىللىق كىشى؛ نەپسىگە ھاكىم بولغان ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئالەم ئۈچۈن ئەمگەك قىلغان كىشىدۇر. بىچارە كىشى بولسا، نەپسىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئارزۇ ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەن ۋە شۇنداق تۇرۇغلۇق ئاللاھتىن ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلغان كىشىدۇر»[2]

ماۋجۇدىيەت ئالىمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەزاسى شۇنداقلا ۋەھىينىڭ بىردىن - بىر خىتاب ئوبېيىكتى ئادەم ئەۋلادلىرىدۇر. يەر يۈزىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك مەخلۇقى بولغانلىقىمىز، نېمەتلەردىن باشقا يەنە، ئىمتېھانلارنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ. ئىنسانلاردىن بەزىدە قورقۇنچ، ئاچارچىلىق ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن، يەنە بەزىدە بايلىقى ۋە ئورۇن، مەنسەپلىرى بىلەن ئېمتىھان ئېلىنىدۇ. ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىش بۇ ئېتىھانلارنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ.

نەپىس؛ بەندىنىڭ سەلىبىي تۇيغۇلىرى، ناتوغرا ئارزۇلىرى يامان خۇي ۋە ئىشلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر. نەپىسنىڭ بۇ ئالاھىدىكى قۇرئان كەرىمدە ھەزرەتى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق چۈشەندۈرۈلىدۇ:

«مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن. "نەپىس" دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ. پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»[3]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقان، ئۇنى ساغلام بىر ئەقىل، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە چوڭقۇر قەلب بىلەن زىننەتلىگەن. توغرا بىلەن خاتانى ئايرىيالىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ بەرگەن. شۇڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ۋە نەپسىنىڭ چېكى يوق ئارزۇ - ئىستەكلىرىگە قارشى قانداق كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن. توغرا تاللاشتا بولغان، ئۆز ئىرادىسىغا ئىگە چىقالىغان، نەپسىنى «سەن توختاپ تۇر!» دېيەلىگەن، گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا بويۇن ئەگكەن، ھاۋايى ھەۋەسنىڭ قۇلىغا ئايلانغان، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، ئارزۇ ئارمانلىرىنى كونتىرول قىلالمىغانلار بولسا، ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ نۇقتىنى بىزلەرگە مۇنداق ئەسكەرتىدۇ:

«نەپىس ۋە ئۇنى چىرايلىق شەكىللەندۈرۈپ رەتكە سالغۇچىغا، ئۇنىڭغا ياخشى ۋە يامان بولۇش قابىلىىيىتى ئاتا قىلغۇچىغا قەسەم بولسۇنكى، نەپسىنى پاكلىغان كىشى چوقۇم نىجاتلىق تاپىدۇ. ئۇنى ئارزۇ ھەۋەسلىرىگە يالغۇز تاشلاپ قويغانلار زىيان تارتىدۇ»[4]

قىممەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ئەسلى كۈرەش مەيدانى نەپىستۇر. ئىنسانىيەت تارىخى نەپسىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەنلەرنىڭ ساناقسىز مىساللىرى بىلەن تولۇپ تۇرۇپتۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزەنتلىرىدىن بىرسى بولغان قابىل ھاۋايى ھەۋەس، ھەسەتلىرىگە يەنى، ئۆز نەپسىگە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىمۇ نەپىسلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ، كۆرەلمەسلىك تۈپەيلىدىن قېرىندىشى ھەزرەتى يۈسۈفنى قۇدۇققا ئاتقان ئىدى. شۇنىڭدەك پىرئەۋنلار، نەمرۇتلار، قارۇنلار ۋە ئەبۇ جەھىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نەپسىنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈپ، ۋەھىينىڭ رەھبەرلىكىگە يۈز ئۆرىگەن، بەزىسى تەختىگە، بەزىسى كۈچ -قۇدرىتىگە، بەزىسى بايلىقىغا، يەنە بەزىسى مەنمەنلىكىگە ئىشىشىنىپ، ھەم دۇنيادا رەسۋا بولغان، ھەم ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولغان. 

دەرۋەقە، مۆئمىنلەر ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى نەپسىگە لەنەت ئوقۇش ئەمەس، ئۇنى تەربىيەلەش ۋە گۈزەل خۇيلۇق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ سېزىپ بەرگەن چەك - چېگرالارغا، ئەخلاق ۋە ۋىجدان ئۆلچەملىرىگە زىت ھەر تۈرلۈك ئارزۇ - ئىستەكلەرگە قارشى نەپسىنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشتۇر. ياخشىلىق ۋە ياخشىلارنىڭ تەرىپىدە تۈرۈپ، يامانلىق ۋە يامان ئىنسانلارغا قارشى مەيداندا تىك تۇرۇشتۇر.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەقىللىق كىشى؛ نەپسىگە ھاكىم بولغان ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئالەم ئۈچۈن ئەمگەك قىلغان كىشىدۇر. بىچارە كىشى بولسا، نەپسىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئارزۇ ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەن ۋە شۇنداق تۇرۇغلۇق ئاللاھتىن ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلغان كىشىدۇر»[5]

ئۇنداقتا ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ ئالدامچى رەڭگىگە ھەۋەس قىلىدىغان نەپسىمىزنىڭ ئارقىسىغا كىرمەي، ئەقلىمىزنى، ئىرادىمىز ۋە سەبرىمىزنى ھەر دائىم جانلىق تۇتايلى!

ھاياتنىڭ بىر ئېمتىھان ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈمنىڭ ۋە ھېساب كۈنىنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى بىر دەممۇ ئەستىن چىقارمايلى! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا بارلىق ئەھۋالىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا دائىر ئېڭىمىزنى تىرىك تۇتقان ھالدا ياشايلى! شۇنداق قىلغاندىلا كۇپىرلىقنىڭ زۇلمىتىدىن ئۇزاق، گۇناھلارنىڭ يۈكىدىن پاك، خاتىرىجەم ۋە كامىل بىر مۆئمىن بولالايمىز. 

خۇتبىمىزنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ دۇئاسى بىلن ئاخىرىلاشتۇرماقچىمىز:

«ئى ئاللاھىم! نەپسىمگە تەقۋالىق ئاتا قىلغىن، نەپسىمنى پاكلىغىن، ئۇنى ئەڭ ياخشى ياكلىغۇچى پەقەتلا سەن. 

ئى ئاللاھىم، مەنپەئەتسىز ئىلىمدىن، قۇرقمايدىغان قەلبتىن، تويمايدىغان نەپىستىن ۋە قوبۇل بولمايدىغان دۇئادىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»[6]

ئامىن!

 


[1]  - سۈرە يۈسۈف، 53 ئايەت

[2]  - تىرمىزى، قىيامەتنىڭ سۈپەتلىرى، 25 ھەدىس. ئىبنى ماجە، زۇھد، 31 ھەدىس

[3]  - سۈرە يۈسۈف، 53 ئايەت

[4]  - سۈرە شەمس، 7 -10 ئايەت

[5]  - تىرمىزى، قىيامەتنىڭ سۈپەتلىرى، 25 ھەدىس. ئىبنى ماجە، زۇھد، 31 ھەدىس

[6]  - مۇسلىم، زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار/ 73 – ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر