تىكا كەركۈكتىكى ئوسمانلى بازىرىنى رېمونت قىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز تۈركمەنلەر زىچ يوپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەركۈكتە ئوت كەتكەن ئوسمانلى بازىرىدا تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

1098209
تىكا كەركۈكتىكى ئوسمانلى بازىرىنى رېمونت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى فاتىھ يىلدىز كەركۈكتە ئىراق تۈركمەن فىرۇنتىنىڭ باشلىقى ئەرشەت سالىھى ۋە فىرۇنتنىڭ باشقا مەسئۇللىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

باش ئەلچى فاتىھ يىلدىز جۈمە نامازىنى ئوسمانلى يادىكارى بولغان نەقىشلىق مۇنار جامەسىدە ئوقۇدى ۋە ئۈچ كۈن بۇرۇن ئوت كەتكەن ئۈستى يېپىق ئوسمانلى بازىرىدا تەكشۈرۈشلەردە بولدى. ئۇ بۇ يەردە سودا-تىجارەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) ئارقىلىق بازار قۇرۇلۇشىنى قايتا رېمونت قىلىش ئىشلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بازارنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتىغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى فاتىھ يىلدىز كەركۈك ۋالىيسى راكام جۇبۇرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سودا-تىجارەتچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شەھەردىكى تۈركمەن سىياسىي ھەرىكىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ كەركۈكتىكى بىر كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈركمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان تۇزخۇمارتونىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر