ناسا ئايغا يۈك توشۇش خىزمەتلىرىنى شىركەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) كېلەچەكتىكى ئاي شارىغا سەپەر قىلىش ئىشلىرىدا خۇسۇسىي شىركەتلەرگە تىرانسىپورت-مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1098165
ناسا ئايغا يۈك توشۇش خىزمەتلىرىنى شىركەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا مەسئۇلى جىم برايدېنستىن ئىدارىنىڭ ئايدا قىىلدىغان تەجرىبىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ راكېتا ۋە باشقا ئالەم ئاپپاراتلىرى بىلەن يۈك توشۇشنىڭ ئورنىغا، خۇسۇسىي شىركەتلەرىدىن توشۇش مۇلازىمىتى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئاي شارىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىلەر ئۈچۈن ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى توشۇش خىزمىتىنىڭ خۇسۇسىي شىركەتلەرگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ناسانىڭ شىركەتلەرگە مۇلازىمەت خىزمىتى ئۈچۈن پۇل تۆلەيدىغانلىقىنى، تىرانسىپورت مۇلازىمىتىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىغا شىركەتلەرنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ توققۇز شىركەتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى قىلىشقا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يولنى تاللاشتىكى مەقسەتنىڭ ئاي شارىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تېخنىكا تەجرىبىلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تېز سۈرئەتتە، ئەرزان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ناسا «ئاي سودىسى يۈك توشۇش خىزمەتلىرى» دەپ نام بېرىلگەن لايىھە دائىرىسىدىكى مۇلازىمەت خىزمەتلىرىگە 10 يىلدا جەمئىي 2.6 مىليارد دوللار تۆلەيدىكەن.

خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋاستىلىك رول ئوينايدىغان تۇنجى ئاي سەپىرىنىڭ، ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم ئاياق ئىزى بېسىلغانلىقىغا 50 يىل بولىدىغان 2019-يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر