ۋاشىنگتوندىكى بىر كوچىغا جەمال قاشىقچىنىڭ نامى بېرىلدى

ئامېرىكادا سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىغا، ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئىسمىنى بېرىش، مەھەللە مەسلىھەت كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز تاشلاشتا قوبۇل قىلىندى.

1097582
ۋاشىنگتوندىكى بىر كوچىغا جەمال قاشىقچىنىڭ نامى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىغا، ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئىسمىنى بېرىش، مەھەللە مەسلىھەت كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز تاشلاشتا قوبۇل قىلىندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەھەللە مەسلىھەت كومىتېتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى جايلاشقان نىيۇ خامپشاير كوچىسىنىڭ بىر قىسمىنى «جەمال قاشىقچى كوچىسى» دەپ ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلغان.

كومىتېت بۇنى سەئۇدىيلارغا ھەر كۈنى قاشىقچى جىنايىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىش مەقسىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ رەسمىيلىشىشى ئۈچۈن ۋاشىنگتون د. س كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشى كېرەك ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى 2-ئۆكتەبىر توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا بارغىنىدا ۋەشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر