ئەزەربەيجان ت ر ت نى مۇكاپاتلىدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) ئەزەربەيجاندا يىلنىڭ ئەڭ ياخشى چەت ئەل تاراتقۇ ئورگىنى بولۇپ باھالاندى.

1071506
ئەزەربەيجان ت ر ت نى مۇكاپاتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ قايتا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 25يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت باكۇدا ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. خۇسۇسىي بىر شىركەت تەشكىللىگەن «مۇستەقىللىق كۈنى» كېچىلىكىدە، يىلنىڭ ئەڭ ياخشى تەنتەربىيەچىلىرىگە ۋە تاراتقۇ ئورگانلىرىغا مۇكاپات تارقىتىلدى.

مول مەزمۇنلۇق پىروگراممىلىرى ۋە خەۋەرلىرى بىلەن ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان ت  ر ت، يىلنىڭ ئەڭ ياخشى چەت ئەل تاراتقۇ ئورگىنى بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭدىن باشقا،   ت ر ت نىڭ باكۇدىكى ۋاكالەتخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مۇخبىر نائىلە ئەكبەروۋامۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

تەبرىكلەش كېچىلىكىدە، ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەزمۇن قىلغان ھۆججەتلىك فىلىملەرمۇ كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر