مەشھۇر فوتوگرافچى ئارا گۈلەر ۋاپات بولدى

تۈركىيەدە خەلقئارا فوتوگرافچىلىقىدا نام قازانغان مەشھۇر سەنئەتچى ئارا گۈلەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 90 يېشىدا دوختۇرخانىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.

1071035
مەشھۇر فوتوگرافچى ئارا گۈلەر ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەشھۇر فوتوگراف مۇخبىرى ئارا گۈلەر ئىستانبۇلدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 90 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. دوختۇرخانا باشلىقى دوكتور ئوكان ئۆزچەكەر: «ئارا گۈلەر يۈرەك ۋە نەپەس سىقىلىش سەۋەبىدىن داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. ئەپسۇس بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز ئۈنۈم بەرمەي 17-ئۆكتەبىر سائەت 23:20 ئۆتكەندە تىنىقى نەپەستىن توختىدى» دېدى.

ئارا گۈلەر تۈركىيەدە خەلقئارا فوتوگرافچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە نام قازانغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئارا گۈلەرنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنىڭ تارقىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ ھەۋەسكارلىرى دوختۇرخانىغا سەل بولۇپ ئاقتى. ئارا گۈلەرنىڭ مېيىتى شەنبە (20-ئۆكتەبىر) كۈنى بەيئوغلۇ ئۈچ ھورا ئەرمەن چېركاۋىدا يەرلىككە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارا گۈلەرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى خەۋىرىدىن كېيىن، «ئارا گۈلەر مۇزېيى» نىڭ دىرېكتورى چاغلا ساراچقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، ئارا گۈلەرنىڭ ئۆزىنىڭمۇ فوتوگرافىنىمۇ تارتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى بىلەن خەيرىلىك بىلەن ياد ئېتىىلىدىغانلىقىنى؛ مەشھۇر سەنئەتكار سۈپىتىدە تونۇلغان ئۇستاز ئارا گۈلەرنىڭ ھەر دائىم ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدىغانلىقىنى   تەكىتلىدى.

ئارا گۈلەرنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن، سىياسەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇدا تارقاتقان تەزىيە مەكتۇبىدا، تۈركىيەنىڭ ئۈچ مەنىۋى بايلىقىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. فۇئات ئوكتاي مۇنداق دېدى:

«فوتوگرافلىرى بىلەن تارىخنى ھۆججەتلەشتۈرگەن فوتوگراف سەنئىتىنىڭ مەشھۇر ئىسمى، داڭلىق ژۇرنالىست ۋە فوتوگراف مۇخبىرى ئارا گۈلەرنى؛ شېئىرلىرى بىلەن ئانادولۇ خەلقىنىڭ ئاۋازىغا، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ <ئاق شاھى> غا ئايلانغان باھائەتتىن كاراكوچنى؛ تۈرك سىياسىتىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان بىلىم ئادىمى پىروفېسسور ئويا ئاكگۆنەنچنى يوقىتىپ قويغانلىقىمىزدىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن: «ھەر يېشىدا مول ھوسۇللۇق بولغان، ھاياتقا بولغان يۇقىرى قىزغىنلىقى بىلەن، جىمجىت ھالدا كۈنلەرچە ئەجىر قىلىپ، <ئۇ پەيت> نى پەمىلىگەن ئۇستاز، بىزدىن ئايرىلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن فوتوگراف ئۇستىسى ئارا گۈلەرنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئانادولۇنىڭ كۆزى، دۆلەتنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل: «روھى ھايات بولغان ئارا گۈلەرنىڭ مەنزىرە رامكىسىدىن تۈركىيەنى ۋە كىشىلىرىمىزنى كۆرۈش، بىزگە ھاياجان بېغىشلايتتى. روھى شاد بولسۇن!» دېدى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا مۇنداق دېدى:

«فوتوگراف سەنئىتىنىڭ مەشھۇر ئۇستازى ئارا گۈلەرنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تاپتىم. مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە، يېقىن-يورۇقلىرىغا ۋە سەنئەت دۇنيامىزغا سەۋر تىلەيمەن.»

يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمان مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىر: «ئارا گۈلەر ياشلارغا ئۈلگە بولىدىغان نۇرغۇن كاتتا ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ، بىزدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز: «ئاپپاراتى بىلەن سانسىزلىغان زاماننى مەڭگۈلۈككە ئىگە قىلدى. ئائىلىسى ۋە بارلىق ھەۋەسكارلىرىغا سەۋر تىلەيمەن» دېدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇدا سەۋر تىلەكلىرىنى ئېلان قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (Ak Parti) نىڭ رەئىس ۋەكىلى نۇمان كۇرتۇلمۇش: «مەدەنىيەت ۋە سەنئەت دۇنيامىزنىڭ چىنارى بولغان ئارا گۈلەرنى يوقاتتۇق» دېدى. پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ تەزىيە تېلېگراممىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئۆمرىنىڭ سەرمايىسىنى ئۈنچە-مەرۋايىتقا ئايلاندۇردى. كىشى ھاياتىنىڭ ۋە دەرتلىرىنىڭ شاھىتى بولغان بىر دەرۋىش بىزدىن ئايرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر