مەسجىدى ھەرەمدىكى ئوسمانلى يادىكارلىقلىرى

مەسجىدى ھەرەمنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى قويۇلغان كەئبە كۆرگەزمە زالىدا ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەر بار.

1032685
مەسجىدى ھەرەمدىكى ئوسمانلى يادىكارلىقلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەككەگە جايلاشقان ۋە يەتتە بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان كۆرگەزمە زالىدا، ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد دەۋرىگە ئائىت كەئبەنىڭ قۇلۇپ ۋە ئاچقۇچى، كەئبە ئىچىدىكى ساندۇققا ئوخشاش قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلار بار.

كۆرگەزمە زالىدىكى سۇلتان مۇرات دەۋرىگە ئائىت ھاجەرۇل ئەسۋەد كەمەرىنىڭ يېنىدا ئوسمانلىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلىرىدىن قالغان مىنبەر ئالەمى، سىرتى ئالتۇن بىلەن قاپلانغان كەئبە لەمپىسى، مىنارە ھىلالى قاتارلىق يادىكارلىقلار دىققەت قوزغايدۇ. كۆرگەزمە زالىدا 1576-يىلدىن قالغان سافا دەرۋازىسىنىڭ كەمەرىمۇ قويۇلغان.

ئەجدادلارنىڭ يادىكارلىقلىرى قويۇلغان زالدىكى مىنبەر ئىشىكى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ساھابىلەر دەۋرىدىن قالغان يادىكارلىقلارمۇ قويۇلغان كۆرگەزمە زالىدا، ئابدۇللاھ بىن زۇبەير دەۋرىدىكى تۈۋرۈك پارچىلىرىمۇ بار.

كۆرگەزمە زالىدا يەنە، زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئېغىزى، ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان كەئبە كەمەرى، چاق ئورنىتىش نەتىجىسىدە يۆتكىگىلى بولىدىغان 200 يىللىق پەلەمپەي، ماقامى ئىبراھىمنىڭ ئالتە بۇرجەكلىك سالاسۇنى، مەسجىدى نەبەۋىنىڭ ئىشىكى قاتارلىق مۇھىم تارىخىي يادىكارلىقلار بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر