«ت ر ت ۋورلد»تېلېۋىزىيە قانىلى «ئېممىي»مۇكاپاتىغا نامزات بولدى

«ت ر ت ۋورلد» (ت ر ت دۇنيا) تېلېۋىزىيە دۇنياسىنىڭ ئوسكارى دەپ ئاتىلىدىغان «ئېممىي»مۇپاكاتلىرىغا تۇنجى قېتىم نامزات بولدى.

1027818
«ت ر ت ۋورلد»تېلېۋىزىيە قانىلى «ئېممىي»مۇكاپاتىغا نامزات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئىنگلىزچە خەۋەر قانىلى ھېسابلىنىدىغان «ت ر ت ۋورلد» (ت ر ت دۇنيا) تېلېۋىزىيە دۇنياسىنىڭ ئوسكارى دەپ ئاتىلىدىغان «ئېممىي»مۇپاكاتلىرىغا تۇنجى قېتىم نامزات بولدى.

«ت ر ت ۋورلد»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانالنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن « قەپەزنىڭ سىرتىدا»ناملىق كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ بۇلتۇر تارقىتىلىشقا باشلىغان ۋە ئوتتۇراشەرقتىكى «ئادەم بەدەنلىرى ئەتكەسچىلىكى»نى مەزمۇن قىلغان«سۈكۈتسىز ئۆلۈم»ناملىق بۆلۈمى، «ئېممىي»مۇكاپاتلىرىنىڭ «كۈندىلىك خەۋەر تۈرى»گە نامزات كۆرسىتىلدى.

«ت ر ت ۋورلد»تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ تۈردە دۇنيا بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان مۇكاپاتلىق 7 ئەسەر بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

1-ئۆكتەبىردە نىيۇيوركتا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«سۈكۈتسىز ئۆلۈم»ناملىق ھۆججەتلىك  فىلىم بۇلتۇر ئىيۇلدىمۇ ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەتقىقاتچى ژۇرنالىستلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەزكۇر ھۆججەتلىك  فىلىمدە ئائىلىسىگە بىر پارچە نان يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بەدەن ئەزالىرىنى ساتقان مۇساپىرلار دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ھەم مەزلۇملارنىڭ ھەمدە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئېغىزىدىن بايان قىلىنىدۇ.

«ت ر ت ۋورلد»تېلېۋىزىيە قانىلى  بۇرۇنمۇ سۈرىيەنىڭ دائېشتىن تازىلانغان رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىققانىدى، مەزكۇر فىلىم دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا شەرق ئاخباراتچىلىقى مۇكاپاتلىرى»مۇراسىمىدا  «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر»مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.


خەتكۈچ: #ت ر ت ۋورلد

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر