ترامپ ئاقسارايدا تۇنجى ئىپتار زىياپىتى بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ يىل (2018) ئاقسارايدا ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىپتار زىياپىتىنى داۋاملاشتۇردى.

988039
ترامپ ئاقسارايدا تۇنجى ئىپتار زىياپىتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا تۇنجى ئىپتار زىياپىتى بەردى. بۇ قېتىمقى ئىپتار زىياپىتىگە، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى دىپلوماتىك خادىملىرى قاتناشتى.

ئۆتكەن يىلى (2017) ئاقساراي ئەنئەنىسىگە بويسۇنماي ئىپتار زىياپىتى بەرمىگەن پىرېزىدېنت ترامپ، ئاز مېھمان تەكلىپ قىلىنغان بۇ يىل (2018) قى زىياپەتتە، ئاساسەن ۋاشىنگتوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چەت ئەل ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋالدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئىپتاردىن بۇرۇن قىسقا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، بارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى ۋە نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى مۇسۇلمان تەشكىلاتلار ترامپنىڭ ئىسلامدىن ئەندىشە قىلغان باياناتلىرىغا ۋە ئاقسارايدىكى ئىپتار زىياپىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى لافايېتتې باغچىسىدا ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ ئىپتارغا، ئامېرىكان-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئامېرىكادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن بىل كلىنتون، كىچىك بۇش ۋە باراك ئوباما دەۋرلىرىدە، 2016-يىلىغىچە بولغان تەخمىنەن 20 يىللىق مەزگىلدە ئاقسارايدا ئەنئەنىۋى ئىپتار زىياپىتى بېرىلىۋاتقان ئىدى. پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن يىلى بۇ ئەنئەنىنى تاشلاپ، ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بەرمىگەن ئىدى. بۇنىڭغا، جەمئىيەتتە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر