سونى داڭلىق مۇزىكا شىركىتى « EMI »نى سېتىۋالىدۇ
ياپونىيە مۇزىكا شىركىتى سونى (Sony)، دۇنياغا داڭلىق مۇزىكا ئىشلەش ۋە تارقىتىش شىركىتى « EMI »نى سېتىۋالىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مۇزىكا شىركىتى سونى (Sony)، دۇنياغا داڭلىق مۇزىكا ئىشلەش ۋە تارقىتىش شىركىتى « EMI »نى 2 مىليارد 300 مىليون دوللارغا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سونى شىركىتى « EMI»نىڭ %60 پېيىغا ئىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى مۇبادالا مەبلەغ شىركىتى بىلەن توختام تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
%60لىك پاينىڭ 2 مىليارد 300 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سونى شىركىتى، « EMI »نىڭ 1 مىليارد 360 مىليون دوللارلىق قەرزىنىمۇ تۆلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سونى شىركىتى سېتىۋېلىش رەسمىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، « EMI »شىركىتىنىڭ %90لىك پېيىغا ئىگە بولىدىكەن.
سونى شىركىتى باشلىقى كېنىچىرو يوشىدا يېقىنقى 2 يىلدا سىفىرلىق مۇزىكا پىروگراممىلىرى تۈرتكىسىدە مۇزىكا سانائىتىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سونىنىڭ ئويۇن-تاماشا ساھەسىدە كۈچلۈك نوپۇزغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يوشىدا بۇ قېتىمقى توختامنىڭ شىركەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇزىكا سانائىتىدە 2 مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق ناخشىنىڭ تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان سونىنىڭ تىزىملىكىدە بوب ديلان« Bob Dylan » ۋە مايكېل جېكسون « Michael Jackson »غا ئوخشاش داڭلىق ناخشچىلارنىڭمۇ ئىسىملىرى بار.
« EMI »دا تەخمىنەن 2 مىليون ناخشىنىڭ تارقىتىش ھوقوقى بارلىقى، بۇ شىركەتنىڭ تىزىملىكىدە فىرانك سىناترا « Frank Sinatra » ، دېيۋىد بوۋىي « David Bowie » ، كانيې ۋېست « Kanye West » ۋە ئالىكىيا كېيس « Alicia Keys » كە ئوخشاش داڭلىق سەنئەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ بار.