فىرانسىيە بەششار ئەسەدكە بېرىلگەن مۇكاپاتىنى قايتۇرۇۋالىدۇ

فىرانسىيە سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدكە بېرىلگەن «Legion d'Honneur» ناملىق دۆلەت ئوردېنىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكەتكە ئۆتتى.

953462
فىرانسىيە بەششار ئەسەدكە بېرىلگەن مۇكاپاتىنى قايتۇرۇۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلسى سارىيى 2001-يىلى بەششار ئەسەدكە ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنت شىراك تەرىپىدىن بېرىلگەن دۆلەت ئوردېنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قانۇنىي تەرتىپنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى 2000-يىلى دادىسى ھاپىز ئەسەدنىڭ 30 يىللىق «تۆمۈر پەنچە» تۈزۈمىدىن كېيىن، سۈرىيەدە «ئىسلاھات» ئۈمىدى بىلەن تەختكە چىققان بەششار ئەسەدنى شەرەپكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلىغان ئىدى.

ئەنئەنە بويىچە ئېيتقاندا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتىنىڭلا بىر چەت ئەللىككە بېرىلگەن دۆلەت ئوردېنىنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن ھوللىۋۇد فىلىم رېژىسسورى خارۋى ۋېنىستىيىننىڭ مۇكاپاتىنى قايتۇرۇۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر