قىزىلئاي جەمئىيىتى ئازېز رايونىغا ياردىمىنى توختاتمىدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئازېز شەھىرىدە قۇرۇلغان لاگېرلاردا پاناھلىنىۋاتقان ئاھالىلەرگە ئىزچىل ياردەم قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

918504
قىزىلئاي جەمئىيىتى ئازېز رايونىغا ياردىمىنى توختاتمىدى
kizilay azez yardim1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئازېز شەھىرىدىكى ئەھلى شام لاگېرىدا پاناھلىنىۋاتقان 327 ئائىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلدى.

قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىشمائىل ھاككى تۇرۇنچ تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى سۈرىيە كىرىزىسى بۆلۈمىنىڭ كوردىناتور ۋەكىلى فاتىھ كۆكجاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە، ئازېز رايونىغا قۇرۇلغان ئەھلى شام لاگېرىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ھاككى تۇرۇنچ قىزىلئاي جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ لاگېردا پاناھلىنىۋاتقان 327 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك، ئەدىيال قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر قىلغانلىقىنى، يامغۇر ياغقان بولسىمۇ ياردەملەرنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە پىلانلىق ھالدا تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىغا ئوخشاش دۆلىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئاسانلىق يارىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ئازېزنىڭ ئەلبىل يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «رايوندا بۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرۇلغان لاگېرلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 2016-يىلدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان بىخەتەر رايونلارغا ئورۇنلاشقان كىشىلەر خالىسا، ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ لاگېرلارغا ئورۇنلاشسا بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر