كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركچە ئۆگىتىشكە باشلىدى

ئەنگلىيەنىڭ دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك تىلى ئۆگىتىلىشكە باشلىدى.

915264
كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركچە ئۆگىتىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ئۆگىتىش مەركىزىدىكى تەلىم – تەربىيە لوندون يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ لوندون يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور مەھمەت قاراقۇش، تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ تۈرك تىلىنىڭ ئۆگىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

«British Council» نىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى، تۈركچىنىڭ ئالدىمىزدىكى 20 يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم 10 تىلىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر