قاتار غەززەگە ياردەم قىلىدۇ

قاتار ھۆكۈمىتى ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەگە 9 مىليون دوللار ياردەم قىلىدۇ

907077
قاتار غەززەگە ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار غەززەنى قايتا قۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلئىمادى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، قاتار ئەمىرى ئەششەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەلسانىنىڭ غەززەگە 9 مىليون دوللار جىددىي ياردەم قىلىنىشى ئۈچۈن يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇھەممەد ئەلئىمادى قاتار ئەمىرىنىڭ يوليورۇقىدا، دورا، تىببىي ئەسلىھەلەر، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېقىلغۇ قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان غەززە خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

ئۇ قاتار ئەمىرىنىڭ يوليورۇقىنى ئورۇنلاش ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ ئاي ئىچىدە پەلەستىننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر ياردەمنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈنمۇ ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

قاتار «QNA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قاتار ئەمىرى ئەششەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەلسانى تۈنۈگۈن (8-فېۋرال) ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە يۈز بەرگەن ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان يېقىلغۇ مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر