كىلىمات ئۆزگىرىشىنى رەت قىلغانلار ۋېنېرا يۇلتۇزىغا كەتسۇن

داڭلىق فىزىكىشۇناس ستېفىن خاۋكىڭ: «كىلىمات ئۆزگىرىشنى رەت قىلغانلارغا ۋېنېرا (زۆھرە، چولپان) يۇلتۇزىغا كېتىشىنى دەڭلار، چىقىمىغا مەن ئىگە» دېدى.

887033
كىلىمات ئۆزگىرىشىنى رەت قىلغانلار ۋېنېرا يۇلتۇزىغا كەتسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داڭلىق فىزىكىشۇناس ئالىم خاۋكىڭ «ستېفىن خاۋكىڭنىڭ قىزىقىدىغان يەرلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ھاياتلىقنى چىدىغۇسىز ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خاۋكىڭ يەر شارىنىڭ 4.5 مىليارد ياشقا كىرگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئىنسانىيەتنىڭ 200 يىلدىن 500 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشاش ئۈچۈن يېڭى ماكان ئىزدىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سەرا گازىنىڭ تەسىرى مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان ئەھۋالدا، يەر شارىنىڭ ۋېنېرانىڭ تەقدىرىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىدىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشسەڭلار، ۋېنېراغا كېتىشىنى دەپ قويۇڭلار، پۈتۈن يول چىقىمىغا مەن ئىگە.»

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) نىڭ 2002-يىلدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنېرا يۇلتۇزى 4.5 مىليارد يىل ئىلگىرى يەر شارىغا ئوخشاش سۇ ۋە ئۆسۈملۈكلەر بولغان پىلانېتا بولۇپ، ئىسسىشنىڭ تەسىرىدە ئوكيانلار ھورغا ئايلىنىپ، بۈگۈنكى ھالغا كەلگەن. سەرا گازىنىڭ تەسىرىدە پىلانېتا يۈزىنىڭ ئىسسىقلىقى 462 گىرادۇسقا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر