خىتاي رېژىسسورلىرى ساياھەت رايونى فەتھىيەدە فىلىم ئىشلىمەكتە

خىتاي رېژىسسورلىرى ساياھەت رايونى فەتھىيەدە مۇسابىقە پىروگراممىسى ئىشلىمەكتە

885205
خىتاي رېژىسسورلىرى ساياھەت رايونى فەتھىيەدە فىلىم ئىشلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا مىليونلارچە كۆرۈرمىنى بولغان «ھايات-ماماتلىق كۈرەش»ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇسابىقە پىروگراممىسىنى لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرى مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ فەتھىيە ناھىيەسىدە باشلىدى.

ئاسىيادىكى تونۇلغان ئارتىسلار قاتنىشىدىغان بۇ مۇسابىقىنى لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرى خىتايدىن كەلگەن 180 كىشىلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

فەتھىيە ناھىيەسى جې جىياڭ ئۆلكىلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ « 24 سائەت»ناملىق مۇسابىقە پىروگراممىسىنى لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

30 تەرجىماننىڭ ھەمراھلىقىدا فەتھىيەنىڭ ناھىيە مەركىزىدىن سىرت چالىش ساھىلى، شات بۇرنى، قۇش جەننىتى، كاياكوي ۋە يانىكلار مەھەللىسى، بەلجەغىز، كىتراك ساھىللىرى بىلەن ئوكۇيتەپە يېرىم ئارىلىدا لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىنىڭ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى پىروگرامما ئەسناسىدا فەتھىيەنى تونۇشتۇرغاندا ئىشلىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى لېنتىغا ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ قايسى جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر