«2020-يىلى خىتايدىن تۈركىيەگە 3 مىليوندەك ساياھەتچى كېلىشى مۇمكىن»

تۈركىيە-خىتاي سودا-سانائەتچىلەر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى (تۈچىئاد) باشلىقى كەمال كوچاك 2020-يىلى خىتايدىن تۈركىيەگە 3 مىليوندەك ساياھەتچىنىڭ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

865211
«2020-يىلى خىتايدىن تۈركىيەگە 3 مىليوندەك ساياھەتچى كېلىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-خىتاي سودا-سانائەتچىلەر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى (تۈچىئاد) باشلىقى كەمال كوچاك، 2020-يىلى تۈركىيەگە 3مىليون ئەتراپىدا خىتاي ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنى مۆلچەرلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جەمئىيەت باشلىقى كوچاك 2018-يىلنىڭ خىتايدا «تۈركىيە ساياھەت يىلى»ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، خىتايدا 1 مىليارد 500 مىليون كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ۋە بۇ نوپۇس ئىچىدە 200 مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ دۇنيانى ساياھەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتايدا «تۈركىيە ساياھەت يىلى» ئېلان قىلىنىشىنىڭ خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچى سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن كوچاك مۇنداق دېدى: «2018-يىلى 550مىڭ ئەتراپىدا، 2020-يىلى بولسا 3 مىليوندەك ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنى مۆلچەرلىۋاتىمىز، 5، 6 مىليون بولسا تېخى ياخشى بولىدۇ. بىزمۇ نىشانغا يېتىشنى، ھەتتا ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

خىتاي بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى تۈركىيە-خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۈچەيتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن كوچاك، خىتايدىن ساياھەتچىلەرنىلا ئەمەس خىتاي كارخانچىلىرىنىمۇ تۈركىيەگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر