تۈرك ئالىم مۇستاپا مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

ئىراندا تارقىتىلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى دەپمۇ ئاتىلىدىغان «مۇستاپا مۇكاپاتى» لوندون كولىج ئىنىستىتۇتى (London Imperial College) ئوقۇتقۇچىسى تۈرك پىروفېسسور سامى ئەرول گەلەنبەگە ئەرولغا بېرىلدى.

861103
تۈرك ئالىم مۇستاپا مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كومپىيۇتېر تورى ۋە سىستېمىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق ئانالىزلىرى تەتقىقاتى بىلەن مۇستاپا مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن تۈرك ئالىم، 500 مىڭ دوللارلىق مۇكاپاتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.

كومپىيۇتېر، ئېلېكتىرون ئېنژېنىرلىقى ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا ساھەسىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان پىروفېسسور دوكتور سامى ئەرول گەلەنبە، ئىران تەسىس قىلغان بۇ يىللىق «مۇستاپا مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. مۇستاپا مۇكاپاتى ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل تارقىتىلغان ئىككىنچى قېتىملىق مۇكاپات، بىلىم ۋە پەن-تېخىكا ساھەسىدە ئىسلام دۇنياسىدا نەتىجە ياراتقان ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارغا بېرىلدى.

باھالىغۇچىلار، بۇ قېتىم 31 دۆلەتتىن جەمئىي 241 ئەسەرنىڭ باھالانغانلىقىنى، ئىنچىكە باھالاش نەتىجىسىدە تۈركىيە بىلەن ئىراندىن تاللانغان ئىككى ئەسەرنىڭ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈرك پىروفېسسور گەلەنبەدىن باشقا، ئىرانلىق ئالىم مۇھەممەد ئەمىن شۈكرۇللاھى ئۇچۇر نەزەرىيەسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بىلەن مۇكاپاتقا تاللاندى. بۇ يىلقى مۇستاپا مۇكاپاتى تېھراندىكى ۋاھدەت كونفېرانس زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم بىلەن ئىگىلىرىگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر