ئىستانبۇل بىلەن قازان ساياھەت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ

ئىستانبۇل بىلەن قازان شەھەرلىرىنىڭ ساياھەت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

845823
ئىستانبۇل بىلەن قازان ساياھەت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل بىلەن قازان ساياھەت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.

رۇسىيە فېدراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى مەسئۇللىرى تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىدە قازاننىڭ ساياھەت قىلىشقا بولىدىغان ماكانلىرىنى تونۇشتۇردى.

تاتارتىستاندىن كەلگەن ھەيئەتكە باشچىلىق قىلغان قازان ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كومتېتى باشلىقى دەريا ساننىكوۋا ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بىر قىسىم ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن مەسئۇللار قازان بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ئالاھىدىلىكى توغرۇلۇق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.

كۆرۈشۈشتن كېيىن مەسئۇللار قازان بىلەن ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە 2018 ھەرىكەت  پىلانى تەييارلاش مەسىلىسى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.

قازان بىلەن ئىستانبۇل 2002-يىلى قېرىنداش شەھەر ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر